top of page
Writer's pictureBahram Sintash

مەسچىتكە تۇتاشقان قۇرلار _ شىخو چوڭ مەسچىتى

Updated: Sep 18, 2019



خەلقئارلىق ئورگانلار ۋە ھۆكىمەتلەرىگە سۇنۇلدىغان <<ئۇيغۇر ئىلىدىكى چېقىلغان مەسچىتلەر دوكىلاتى>> نى تەييارلاش ئۈچۈن توردىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەسچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش جەريانىدا شىخو شەھرىگە جايلاشقان كۆلۈمى ناھايتى چوڭ بولغان سىرتقى يۈزى سۇس قىزىل رەڭلىك كاھىشدا بىزەلگەن بۇ مەسچىتنىڭ رەسىمىنى ئۇچۇرىتىپ قالدىم (رەسىم مەنبەسى) ھەمدە گۇگۇل ئېرىس يۇمشاق دېتالىدا سۇنئىي ھەمرا رىسىم دەۋرىنى 2015- يىلغا توغرىلاپ ئادېرسىى نامەلۇم بۇ مەسچىنىڭ ئورنىنى شىخو رايونىدىن ئىزدەشكە باشلىدىم. مەسچىتنىڭ ھەجىمى زور بولغاشقا تەجىربەم بويىچە تىزلا تېپىۋالدىم ۋە سۇنئىي ھەمراھ رەسىم دەۋرىنى ئەڭ يېقىنغا سۇرگەندە كۆزئالدىمدىكى زور مەسچىت غايىپ بولدى. بۇ ۋاقىتدىكى ھېسىياتىم خۇددىي بىر ئىنساننى كۆز ئالدىمدالا ئۆلتۇرۋەتكەندەك تۇيغۇ بولۇپ، ئىختىيارسىز ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ پەدىسىد ئوخخو دەپ تاشلاپ ئازغزىمنى تۇتۇپ قالدىم.... مانا دوكىلات ئۈچۈن چېقىلغان مەسچىتلەرنى ئېنىقلاپ تېپىش خىزمىتىمنىڭ بىر قىسمى تاماملاندى ۋە دوكىلاتنى پۈتتۈرش ئۈچۈن چېقىلغان مەسچىتلەر ئىچىدىن ۋەكىل خارەكتىرلىك 10 مەسچىتىنى تاللاپ چىقىپ تېخمۇ ئېنىق ۋە ئىسپاتلىق ئۇچۇر يېغىش ئۈچۈن بۇ مەسچىتلەرنى ياخشى بىلىدىغان شۇ يۇرتلۇق كىشىلەرنى تاپتىم. بىراق بۇ شىخودىكى ماڭا ناتۇنۇش ئەمما ئالاھىدە تەسىر قىلغان زور مەسچىتكە گۇۋالىق بېرەلەيدىغان يەرلىك كىشەلەرنى ئىزدەشتە قىينالدىم ۋە فەيسىبۇكقادا بۇ ھەققىدە مۇراجەت ئۇچۇرىنى تارقاتقاندىن كىيىن 1 كۈن ئىچىدىلا شىخولۇق بىر قېرىدىشمىزدىن جاۋاپ كەلدى ۋە مەن تەلەپ قىلغان سۇئاللار بويىچە يازمىچە ئۇچۇر قاريتۇرۇشىنى سورىدىغاندىن كېيىن مانا بۇ مەسچىتىنىڭ گۇۋالىق ئۇچۇرىنى مۇكەممەل يېزىلىپ يوللاندى. بۇ سىرلىق مەسچىتىنىڭ تارىخى ۋە ھېكايىسى ماڭا ئايان بولغاندىن كېيىن بۇ مەسچىتنى ئۇيغۇر دىيارىدا چېقىلغان تەخمىنەن 5،000 دەك مەسچىتنىڭ تىرگىدىيەسىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن تاللانغان 10 ۋەكىل خارەكتىرلىك مەسچىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغانلىقىمنىڭ ناھايتى توغرا بولغالىقىدىن كۆڭلۈم ئازىراق قانائەت تاپتى. قېنى بۇ مەسچىنىڭ ھېكايسىنى گۇۋاچىمىزنىڭ يازمىسىدىن خەۋاردار بولۇڭ.


مەسچىتكە تۇتاشقان قۇرلار

نەسرىن

بارغانسىرى چەكتىن ئېشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىدىكى قىرغىنچىلىقلار ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، بۇلارغا قوشۇلۇپ يېقىندىن بۇيان يۇرتلىرىمىزدىكى، مىللى ۋە دىنى كىملىكىمىزنىڭ ،مەدەنىيتىمىزنىڭ يارقىن ئىپادىسى ۋە قەدىمى مىراسلىرىمىزدىن بولغان قىممەتلىك  مەسجىدلىرىمىزنىڭ رەزىل پىلانلار بىلەن چېقىلىشى ۋە ئىلگىرى بولۇپ باقمىغاندەكلا يوق قىلىۋىتىلىشى كونىراپ قالغان يارىمىز ئۈستىگە شاكىراپ تۆكۈپ،تارىختىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋپىگە ،تەھتىدىگە دۇچ كەلگەن بىر مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىزنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. ئىككى ئاي ئىلگىرى توردا ،يۇرتۇم شىخو شەھىرىنىڭ چوڭ مەسجىد ئەتراپىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىرپارچە سۆرىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە ،شىخو شەھىرىنىڭ تۇڭگان مەھەللىسىگە جايلاشقان بۇ مەسجىد ئورنى تۈزلىۋىتىلگەن بولۇپ ،شەھەر ئاھالىسگە ئاتا كەبى يۈرەك بولغان مەسجىد مۇنارلىرى ھېچ كۆرۈنمەيتى ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قايتا -قايتا ئۆرۈپ -چۆرۈپ قارىدىم ،مەسچىتنىڭ ئىككى يېنىدىكى بەكمۇ تونۇش دۇكانلار شۇ پېتى ،ئەمما مەسچىت ئۆز ئورنىدا يوق تۇراتتى ،بۇ كۆرۈنۈش ماڭا نىسبەتەن خۇددى، بىر ئانىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىگە ئوخشاش ۋەھىمىيلىك ۋە ئازاپلىق بولۇپ ،كۆزئالدىمدىكى بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلامدىم ياكى رەت قىلامدىم ؟بىلەلمەستىن ھاڭ -تاڭ قالغىنىمچە  قېتىپلا تۇرۇپلا قالدىم ، ياشلىرىم مەسجىدسىز سۈرەت ئۈستىگە  تۆكۈلۈپ كېتىۋاتاتتى .. تىلىم ،يۈزيىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسجىدىمىزنى، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغاندەكلا يوقىتىۋەتكەن،زالىم  نىجىس خىتايغا لەنەت ئېيتىش بىلەن پىچىرلايتى، ئىلگىرى قىممىتىنى  بۇ قەدەر ھېس قىلىپ باقمىغان مەسجىدىمىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغىنىمىزنى تەن ئالغان چېغىمدا ،مەسجىد سۈرىتىنى گوگۇلدىن جىددى ئىزدەشكە باشلىدىم . ئىزدەپ تاپقىنىمدا بولسا،مەسجىدنىڭ ئىلگىرىكى سۈرىتى  بىلەن ھازىرقى تۈزلەنگەن سۈرىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھېچلەر بىلەن تولدۇرغىلى ،تەسەللى تاپقىلى بولمايدىغان سېلىشتۇرمىلىق زور پەرق ،  ۋە بىرلا ۋاقىتتا مىڭەمنى قورشاپ ئالغان سۇئال بارماقلىرىمنىمۇ  كونتىرول قىلىشتىن ئاجىز كەلدى بولغاي ،تېلفۇنۇم قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى ، نېمىلا بولمىسۇن بۇ رىئاللىق ئىدى ،تۈرۈلگەن قوشۇمام ئاستىدىكى كۆزلىرىمنى  ماڭا چوڭ ئۆيۈمدەك  تونۇش بولغان  شۇ سۈرەتكە تىككىنمچە :« ئى ئاللاھ ،ھەممىگە شاھىدسەن ،بۇ ئىنتىقامىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن بىزگە يىتەرلىك ئىرادە ۋە كۈچ بەرگىن ،دەۋايىمىزدا بەردەم بولغۇچىلاردىن قىلغىن ،يوقاتقانلىرىمىز ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىسى بىلەن تولۇقلاپ بەرگىن ،»دەپ دۇئا قىلغاچ ،سۈرەتنى تىلفۇنۇمنىڭ ئىكران تەگلىكى قىلىپ تەڭشىۋالدىم ، بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن بۇيان  مەسجىدنىڭ قاچان چېقىلغانلىقى توغرىلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش زېھنىمگە كىرىۋالدى  ، ئىمكانىيتىم يەتكىنىچە سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ،2017-يىلى مەسچىتنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىغا ئېرىشتىم ،بۇ ۋاقىت  مېنىڭ مىسىر ئەزھەرئۇنۋىرستىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمغا ۋە  خىتاينىڭ دادامنى «سورايدىغان مەسلە بار »لىقىنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان ،ئاپام ۋە ئاكا -سىڭىل ،ئۇرۇق -تۇققانلىرىمنىڭ مەندىن ئېھتىيات قىلىپ ،مېنى ئۈندىدارىدىن يۇيۇۋەتكەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلەتتى .

شىخو شەھىرى ( ئويمان دۆڭ)تەڭرى تېغىنىڭ شىمالي ئېتىكىگە ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان ، شەرقتە قاراماي ،قاراسۇ ( كۈيتۈن)شەھەرلىرى ۋە ساۋەن ناھىيەسى بىلەن جەنۇپتا نىلقا ،غەرپتە تۆرسۇ ( جىڭ)،شىمالدا تولى ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ .كۆلىمى 14مىڭ 392كۇۋادىرات كىلومىتىر ،ئاھالىسى 2003يىلدىكى سىتاتىسكىدا 206مىڭ 708دېيىلگەن ، شىخو شەھىرىدە،1945-يىلى شەرقي تۈركىستان مىللي ئارمىيەسى بىلەن ،گومىنداڭنىڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان مىللي ئارمىيەسى قانلىق ئېلىشىپ،800نەپەر مۇجاھىتنىڭ شەھىد بولۇشى بىلەن ،خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى مۇداپىئە سېپىنى يېرىپ تاشلاپ،مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئالەمشۇمۇل غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن *( ئىپتىخار يىلدىرىم تۈزگەن « شەرقي تۈركىستان جۇغراپىيەسى »دىن ئېلىندى .) « چوڭ مەسجىد»دەپ ئاتىلىدىغان ئۇشبۇ مەسجىد ئەقلىمنى بىلسەم ، ئەسلىمىلىرىم بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن قىممەتلىك  ماكان ئىدى ،ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى ئوچۇق ئاڭلىنىپ تۇرىلىدىغان، مەسجىد بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى 500مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يېقىن بىر ئارلىق بولۇش ئىمتىيازى  بىلەن ،مەيلى مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىمدە بولسۇن ۋە باشقا باردى -كەلدىلىرىمدە  بولسۇن، ھەركۈنى ئالدىدىن نەچچە قېتىملاپ ئۆتەتتىم ،مەسجىد ئەتراپى كىچىككىنە بازار ھالىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ ،ئاشخانا ،ناۋايخانا ،ماگىزىن ،موزدوزخانا،سەيپۇڭخانا ،ماروژنىخانا ،چىۋە -چىۋە ،كۆكتاتقىچە ھەممە تېپىلاتتى .

كىشلەرنىڭ ئەزان چىققان ھامان مەسجىدكە تەرەددۇدلىنىۋاتقان ۋە مەسجىدتىن بەش ئالتىدىن توپلىنىپ قايتىپ چىقىشىۋاتقان،ۋە مەسجىد ئالدىدا پاراڭ سىلىشقاچ بازار كەيپىگە جۆر بولۇشقان  كۆرۈنۈشلىرى دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى ، قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىت كۈنلىرىدە بولسا، ناغرا ئاۋازى بىلەن تەڭ پۈتۈن خەلىققە يەتكۈزۈلىدىغان  خۇشاللىق  تەنتەنىسى مۇشۇ مەسجىد ئىشىكى ئالدىدا قىلىناتتى ، تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىم بولسا كېرەك ،بىر كۈنى دادامنىڭ ئاپامغا :« چوڭ مەسجىد ئىمامى بۇراۋىدىن قارىم ۋاپات بوپتۇ  ،بۇ شىخو خەلقىگە قانچە چوڭ يوقۇتۇش ھە؟ شۇ كىشىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خۇتبىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن شىخونىڭ ناھىيە -يىزىلىرىدىن ۋە ئەتراپتىكى يېقىن شەھەر كۈيتۈن مايتاغلاردىن ئادەملەر كېلىپ،جۈمە كۈنى مەسجىد باركوچىنىڭ خېلى يىرىگىچە ئادەم توشۇپ كېتەتتى ،بۈگۈن يەنە ئوخشاشلا جىنازىسنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندىمۇ كوچىلارغا ئادەم سىغىشماي قالدى ،جىنازىسنى كۆتۈرۈشنى تالىشىپ ھەممەيلەن بىر-بىرىنى ئىشتىرىشەتتى ،ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بەندىسىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەزىز قىلىدىكەن »دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مۇشۇنداق مەسجىدكە ئادەم لىق تولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،دادامنىڭ « قىزىم ،مەسجىدتە قىزلارغا خاس ئورۇن يوق ،ئادەممۇ بەك كۆپ قولايسىز بولىدۇ»دېيىشىگە قارىماي ،سىز بىلەن مەسچىتكە چىقاتتىم دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالغىنىمدا ،مۈرىسدە كۆتۈرۈپ ،مەسجىتكە ئېلىپ كىرگىنى ھېلىھەم ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،بۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىم مەسجىدكە كىرىشىم ئىدى ،قىپقىزىل گىلەم بىلەن توشقۇزۇلغان مەسجىد ،مىھراپ ۋە  يېقىن تىزىلىپ ئولتۇرۇشقان كىشلەرنىڭ خۇتبە ئاڭلاۋاتقان ھالىتى ،قۇرئان تىلاۋىتى ...قاتارلىقلار قوشۇلۇپ،مەن نېمە ئۈچۈن پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ،مەسجىدكە مۇھەببەت ۋە مەسجىدكە مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان دىنىمىزغا مۇھەببەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن ئىدى ،بۇ تۇيغۇنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن « شەكىللەندۈردى»دەپ ئېيتالىشىم ،مەن شۇ قېتىملىق مەسجىدكە كىرگىنىمدىن كېيىن ،دىنى ئەركانلارغا ۋە دىنى كۆرۈنۈشلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . كېيىن  باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن چاغلىرىمدا ،مەكتەپتىن قايىتقاچ مەسجىد دەرۋازىسىدىن بوۋايلارنىڭ « كىچىك بالىلار كىرىشكە بولمايدۇ»( كىچىك بالىلار مەسجىدنى مەينەت قىلىپ سالىدۇ ،گۈل -گىياھلىرىنى سۇندۇرۇپ قويىدۇ دەپ ئاددىيلا ئويلىۋالسا كېرەك) دېيىشى بىلەن قارشىلاشقاچ ،ئۇلارنى جىلە قىلغان بىر پوزىتسىيەدە ماراپ قويۇپ قاچاتتىم ،ۋە ئىشىك ئالدىدا ئادەم يوق چاغلىرىنى تاپسام غىپپىدە ئىچىگە كىرىپ ،بىر قۇر چۆرگىلەپ چىقاتتىم . باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك ،بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز « لېيفىڭدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە ،خالىغان ساۋاقداشلار،ئۆزۈڭلار قىلالايدىغان ياخشى ئىشلاردىن قىلىپ ،ئىسپاتى ئۈچۈن ،ئىمزا قويدۇرۇپ كېلىڭلار ،ياخشى ئىش قىلغانلارنى تەقدىرلەيمىز  »دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى ، مېنىڭ ئېسىمگە دەرھال مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى مەسجىدنىڭ دېرىزىسىنى سۈرتۈپ بېرىش بىلەن ،مەسجىدنىڭ شۇ چاغدىكى ئىمامى ،ساۋاقدىشىم مۇھەممەدنىڭ ئاكىسىغا ئىمزا قويدۇرۇپ ،مەكتەپكە ئېلىپ كېلىش يەتتى ،بۇ پىلانىمنى ئىككى دوستۇمغا ئېيتىپ ئۇلارنى قايىل قىلىپ ،مەسجىد دېرىزە ئەينىكىنى سۈرتۈش ئۈچۈن قاراپ ماڭدۇق،( ھازىر ئويلاپ باقسام ،لېي فىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ مەسجىد تازلاش ئىدىيەرىم ئاجايىپ قىززىق بىر يۇمۇر ئىكەن ) مەسچىت ئالدىغا كېلىپ ،مەسچىتكە تۇتاش بولغان ،دىنى كىتاپلار ،جەيناماز ، تەسۋى ،ھەرەمنىڭ ئىسپىرتسىز ئەتىرلىرى ،قۇرئان قويغۇچ ( رېھىل)قاتارلىق مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان مەسجىد ئىمامى پىركازچىكلىكىنى قىلىدىغان دۇكانغا كىرىپ ،نىمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىمىزنى ئېيىتتۇق  ،مەسجىد ئىمامى رەھمەتلىك بۇراۋىدىن قارىمنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇبۇلقاسىم قارىم ئىدى ،مەن ئۇ قارىمنىڭ بىزنى رەت قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ،ئەڭ كىچىك ئىنىسى ساۋاقدىشىم مۇھەممەدنى سالاچىلىق قىلىشىپ بەرگىلى بىللە ئېلىپ كىرگەن ئىدىم ،مۇھەممەد 10-11ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك بىر بالا تۇرۇقلۇق قۇرئاننى يادا ئېلىپ بولغان ئىدى ، دېگەندەك ،بىز بۇ پىلانىمىزنى ئېيتقان چېغىمىزدا ،ئۇبۇلقاسىم قارىمدىكى ئىككىلىنىش ۋە رەت قىلىۋىتىشكە يېقىن تۇيغۇلارنى ،مۇھەممەدجاننىڭ « ئاكا ،پاكپاكىزە قىلىۋىتىدۇ بۇ قىزلار ،ھىلىمۇ بەك توپا بولۇپ كىتىپتۇ »دېيىشىپ بېرىشلىرى يېڭىپ چىققان ئىدى . شۇنداق قىلىپ مەسجىدكە ئۈچ قىز ۋە مۇھەممەدجان ،قىزىل كىچىك سۇلياۋ چىلەكلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ كىردۇق ،ئالاھەزەل بىريېرىم سائەت ئەتراپىدا دەرىزە ئەينەكلىرىنى سۈرتۈپ بولۇپ،كەمپۈتكە ئوخشاش پۇرايدىغان ،شۇ چاغدا نامازخانلار ئىشلىتىپ ئومۇملاشقان ، ئىسپىرتسىز  قويۇق ئەتىر ھىدى بىلەن ئورالغان ، قىپقىزىل گىلەملىك بۇ مەسجىدتىن چىققۇمىز كەلمەي ،ئىچىدىكى ھەرنەرسىگە قىزىقىپ قارىشىۋاتاتتۇق ،بىردىنلا كۆزۈم مىھراپ ئالدىدا تۇرغان مىكروفونغا چۈشۈپ قالدى ،كۆزلىرىمدىن يۇلتۇز چاقىنىغاندەك بولۇپ ،مىكروفون ئالدىغا يۈگۈرۈپلا باردىم ،ئارقامدىن مۇھەممەدجان :«  ھاي ...»گېپىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ بولغىچە ،مىكروفۇننى ئېچىپ ،دادام يېڭىدىن ئۆگۈتۈپ قويغان « سۈرە فىل »نى دادامنىڭ قىرائەت ئاھاڭى بويىچە  ئوقۇشقا باشلىدىم ، سۈرە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ،ئىككى چوڭداداش كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ كىرىپ كەلدى ،چۈنكى مىكروفۇن كوچا تەرەپتىكى ئاۋاز ياڭراتقۇغا ئۇلانغان ئىدى ، مەنمۇ يانماي ئاخىرىنى تاماملىۋەتتىم ،بالىلىقتىكى تۇيغۇم بويىچە ئېيىتقاندا ،ئۇ قەدەر گۈزەل مەسچىتتە، قىرائىتىمنى مىھراپ ئالدىدا ،مىكروفۇندا ئوقۇش قانچىلىك ھاياجانلىق ئىدى ھە ! شۇنداق قىلىپ ،مەسچىت ئىمامىغا ياخشى ئىش قىلغانلىقىمىز ئىسپاتى بولغان ئىمزانى قويدۇرۇپ ،يېنىپ چىقتۇق . شۇ مەسچىتتە شۇ قەدەر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشقا نىسىپ قىلغان ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن ، يىللىرىمىز مەسجىد بىلەن بىللە ئۆتۈۋاتاتتى ،تەخمىنەن 2008-يىللىرىدا مەسچىتنىڭ رىمونت قىلىنىش ۋە يېڭىلىنىشى توغرىلىق خەۋەرنى ،،دادامنىڭ ئاكىلىرىغا دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ، -بۈگۈن جۈمە نامىزىدا ،خەلىقتىن ياردەم  توپلاش توغرىلىق گەپ بولدى ،ياردەم  ئۈچۈن مەسجىد ھويلىسىغا مەخسۇس ساندۇق بېكىتىلىپتۇ ،قادىر بولغىنىمىزچە كۈچەپ باقايلۇقمىكىن . يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ  بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، تەخمىنەن  2012-يىللىرى بولسا كېرەك ،شىخو چوڭ مەسجىدىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ پۈتكەنلىكىنى ،مەسجىد ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلانغانلىقىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان چېغىمدا ،بۇ كۆرۈنۈشنى دادامغا شۇنچە قىسىنىپ كەتكەن  ئىدىم.( دادام بۇ چاغدا « دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان»قالپىقى بىلەن ،سىياسى مەھبۇس بولۇپ قاماقتا ئىدى) ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ،چەتئەلگە چىقىپ كەتتىم ۋە بۇ مەسجىدنى قايتا كۆرمىدىم... مانا بۈگۈن ئۇنىڭدا « شەھىدلىكىم»مازىرى بار بولغان تارىخى يۇرتۇم شىخودىكى بۇ مۇقەددەس مەسچىتنىڭ تۈپتۈز قىلىۋىتىلگەنلىكىدەك ،ئاچچىق قىسمەتكە شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمەن ، بىر مىللەتنى مەسخىرە قىلىش ،غورۇرىغا تېگىش ،خارلاش بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك. «شەھىدلىكىم»مازىرى بولسا  ،شىخو خەلىقىنىڭ مىيىتلىرى دەپنە قىلىنىدىغان قەبرىستانلىق بولۇپ ،مەن يۇقاردا تىلغا ئالغان مىللى ئارمىيە مۇجاھىتلىرىنىڭ شۇ جايغا دەپنە قىلىنغانلىق سەۋەبى بىلەن « شەھىدلىكىم »نامىدا ئاتالغان، شىخو شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىغا جايلاشقان بۇ قەبرىستانلىققا ،دادامنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ قەبرە بىشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ،دائىم كېلىپ تۇراتتۇق ، دادام ھەرقېتىم چوڭ ئاپامنىڭ قەبرىسىگە يېقىن يەردىكى شەھىتلەر قەبرىسىنى ئارلاپ ،دۇئا قىلغاچ توپىسىنى يۇمشىتىپ ماڭاتتى ، قەبرىستانلىققا زىيارەتكە كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادامدىن سورىدىم، -دادا ،نېمىشقا بۇ يەرنى شىتلىكىم دەيدۇ،( ئېغىز تىلىدا ھەممەيلەن شىتلىكىم دەپ ئاتايتى) -توغرىسى شىتلىكىم ئەمەس قىزىم ،« شەھىتلىكىم» -شەھىت دىگەن قانداق كىشى دادا؟ -ئۇلار ھەق يولدا جەڭدە  ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلاردۇر . -نېمىشقا جەڭ بولغان دادا؟ -ساڭا كېيىن ئالدىرىماي  سۆزلەپ بېرىمەن قىزىم. بۇ مېنىڭ « شەھىت »دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم  ئىدى  .

2019.5.16

 



ئۇيغۇر ئىلىدا 5000 ئەتىراپىدا مەسچىت چىقىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ چىقتىم


بەھرام سىنتاش

ئۇيغۇر مەسچىت، جامە ۋە مازارلىرى گەرچە ئوتتۇرا شەرىق بىناكارلىق ئۇسلۇبى جەمبىرىكىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنى تەكلىمان بوستانلىقلىردا يېلتىز تارتىشقا باشلىغان تەخمىنەن 1000 يىل جەريانىدا ئۆزگىچە خاسلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇددىزىم دەۋرىدىكى يۈكسەك ئورىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا مەدەنىيىتدىكى يەنە بىر قېلىن قاتلامنىڭ ماددىي نەمۇندىلىرى بولۇپ قالغان. ئەپسۇس، ئۇيغۇر خەلقى قانداق تەغدىرگە مۇپتىلا بولغان بولسا مەسچىت جامە قۇرلۇشلىرى ئوخشاش قىسمەت ئىچىدە بۇ چوڭ يوقۇتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە تەڭ ئۇچۇرماقدا... 30% مەسچىت چېقىلدى..80% ئۇيغۇر قۇرلۇشلىرى گۈمبەر مۇنارلىرىدىن ئايرىلدى... ۋەزىپىمىز بۇ قىرغىنچىلىقدىن قالغان مەسچىت جامالىرىمىزنى ھايات قالغان خەلقىمىز بىلەن بىرگە ساقلاپ قىلىشدۇر!


333 views0 comments

Comments


bottom of page