ۋەتەندە چېقىلغان ئۈچ مەشھۇر جامەنىڭ تارىخى

Updated: Sep 19, 2019



قاغىلىق جامەسى



قاغىلىق جامەسى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، جامە ئالدىدىكى كەڭرى بازار تارىخلاردىن بىرى قاغىلىقنىڭ سودا ۋە دىنىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن قەدىمىي رەستە. بۇ رەستىدىكى كىشىلەرنىڭ پائالىيەت مەنزىرىلىرى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ گۈزەل مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

قاغىلىق جامەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى قاغىلىقنىڭ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بازار بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ جامە 466 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جامە ۋە بازارنىڭ ئورنى ساي ياقىسىدىكى كەنتتە بولۇپ، بۇ يەر يەكەن بىلەن خوتەن ئارىلىقىدىكى قونالغۇ بولغان.

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئابدۇرېشىتخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، سۇ ئىنشائاتى، قاتناش ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. سۇلتان ئابدۇرېشىتخان قاغىلىقتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە سەمەرقەندتە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان سايراملىق خوجا مۇھەممەت شېرىپ دېگەن مۇتەپەككۇر ئالىم ھىندىستان ئارقىلىق قاغىلىققا كەلگەن، بۇ كىشى ئۆز زامانىسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىدىن بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن مەسلىھەتتە بولغان. قاغىلىق خوتەن بىلەن يەكەن ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، ئۇ كىشى بۇ جايغا مەسچىت ۋە لەڭگەر سېلىشنى تەكلىپ بەرگەن. بۇنى خانلىق توغرا تاپقاندىن كېيىن، ھىجرىيە 943-يىلى(مىلادىيە 1536-يىلى) ھازىرقى جامەنىڭ دەسلەپكى ھۇلى سېلىنغان، مەسچىتنىڭ تاملىرى سېلىنىۋاتقان مەزگىلدە كۈن ئولتۇرۇشتىكى قىبلە تام ئارقىمۇئارقا ئۈچ قېتىم ئۆرۈلۈپ كېتىپ، قايتا سالسىمۇ توختىمىغان. كېيىن بۇ تام ئورنىنىڭ بىر يېرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى سېزىلىپ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان بىلەن خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇ يەرنى ئېچىشقا بۇيرۇغان، يەر كولىنىپ ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېچىلىشىغا يەرنىڭ تېگىدىن بىر كۈپ ئالتۇن، بىر چۆيۈن بۇت ۋە بىر كىشىنىڭ جەسىتى چىققان، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان شۇ مەيداندىلا بىر كۈپ ئالتۇننى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن يارلىق يېزىپ مۆھۈر بېسىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مەسچىت قۇرۇلۇشى باشقىدىن پىلانلىنىپ، ئىچكىرى-تاشقىرى مەسچىت ۋە كەڭرى سەينالىق جامەگە ئۆزگەرتىلگەن. يەرنىڭ تېگىدىن چىققان كىشى ھورمۇز شەھرىدىن كەلگەن موللا خوجا ئەھمىدى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، جامەنىڭ جەنۇب يېقىغا مازارەت ياسىلىپ دەپنە قىلىنغان. چۆيۈن بۇتتا ئىككى چوڭ داش قازان قۇيدۇرۇلغان①، جامەنىڭ ئىچىگە توققۇز ئېغىز ھۇجرا چىقىرىلىپ ياسالغان، بىر كۈپ ئالتۇننىڭ جامە قۇرۇلۇشىدىن ئاشقان قىسمىغا جامەنىڭ ئىككى كىلومېتىر شەرقىدىن ئاتمىش تۆت پاتمان(4650 مو) يەر ئېلىنىپ، جامەنىڭ ۋەخپىسى قىلىنغان②.

ھىجرىيە 1290-يىلى(مىلادىيە 1883-يىلى) ئۆز زامانىسىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىدىن مۇتۇللا ئەلىماخۇنۈمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قاغىلىق جامەسى بىر قېتىم رېمونت قىلىنىپ، جامەنىڭ شىمالىي تەرىپىگە كەڭرى سەينالىق مەدرىسىخانا چىقىرىلغان. بۇ يەر تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن سىرت، جۈمە كۈنلىرى ئاخۇنۇملار دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قازىخانىمۇ بولغان.

1936-يىلىغا كەلگەندە، قاغىلىقتا ھاكىم بولۇپ تۇرغان ھاجى شەنجاڭ دېگەن خۇيزۇ كىشى بۇ جامەنى بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلدۇرۇپ، جامەنىڭ ئەسلىدىكى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىنى شىمالغا قىلىپ ئۆزگەرتىپ، جامەگە دەھلىز ئارقىلىق كىرىدىغان قىلغان. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېقىغا 18 مېتىر ئېگىزلىكتە مۇنار چىقىرىپ ياسىتىپ، ھۇجرىلارنى دېرىزىلىك قىلىپ، ئالدىغا پېشايۋان ياپتۇرغان. ئارىدىن يىرىم ئەسىر ئۆتۈپ 1986-يىلىغا كەلگەندە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى ۋە جامەنى شەھەر قۇرۇلۇش مۇھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىئانە قىلىشى بىلەن 373 مىڭ 799 يۈەن ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار توپلىنىپ، بەش يىل ئىشلەش ئارقىلىق جامە كېڭەيتىلىپ ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلىنىپ ياسالدى. جامە دەرۋازىسىنىڭ ئالدى كەڭرى مەيدان قىلىنىپ ئاسفالتلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىغا گۈللۈك قىلىندى. مەيداننىڭ شەرق، غەرب تەرەپلىرىگە ئىككى قەۋەتلىك سودا دۇكانلىرى چىقىرىلدى. جامە دەرۋازىسى 24 مېتىر ئېگىزلىكتە مۇنار گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالدى، جامە ئىچىدىكى ھۇجرىلار 16 گە كۆپەيتىلىپ، ھۇجرىلارنىڭ ئالدىدىن باشقا شەرقىي شىمالىي تەرەپلەرگىمۇ بېتون لەمپە چىقىرىلىپ، ئەتراپىغا تۆمۈر رىشاتكىلار ئورنىتىلىپ سەينا قىلىندى. جامەنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى يان ئىشىكلىرىگە نەقىش گۈللۈك تۆمۈر دەرۋازا ئورنىتىلدى. ئىچكىرى-تاشقىرى مەسچىتلەرنىڭ تورۇس، ئىشىك، تۈۋرۈكلىرىنىڭ گۈل نەقىشلىرى قايتا سىرلىنىپ، توك ۋە تۇرۇبا ئورنىتىلىپ، مۇستەھەپخانا چىقىرىلدى.

جامەنىڭ يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن مۇنار ۋە دەرۋازا بىنالىرىغا پىششىق خىشلار بىر-بىرىگە ماھىرلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ گۈل چىقىرىلغان، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن رەڭلىك ھەلدە ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقىنىڭ يۇقىرى سەنئىتى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئويۇلغان. دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن دەھلىز نامايان بولىدۇ. دەھلىزنىڭ ئۇدۇل تېمىغا مېھراب شەكىلدە چىرايلىق گۈل نەقىشلەنگەن تۆمۈر رۇجەك ئورنىتىلغان. جامە سەيناسىغا كىرمەي تۇرۇپمۇ رۇجەكتىن جامەنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دەھلىز ئىچىدە ئىككى كىچىك ئىشىك ۋە ئىككى چوڭ ئەگمە ئىشىك بار. كىچىك ئىشىكتىن ئەگمە پەشتاقلار ئارقىلىق ئۈستىدىكى زال ئۆيگە ۋە ئۈستىدىكى گۈمبەز ئىچىگە چىققىلى بولىدۇ. گۈمبەزنىڭ كۈن يورۇش تەرىپىگە ئىككى قۇر دېرىزە ئورنىتىلغان، شۇڭا گۈمبەزنىڭ ئىچى يورۇق ھەم ئازادە. ئىككى ئەگىم ئارقىلىق جامە ئىچىگە كىرگىلى ھەم يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن پەشتاق ئارقىلىق جامە سەيناسىنىڭ شەرق، شىمال، جەنۇب ياقىلىرىغا سوزۇلغان تۆمۈر رىشاتكىلىق سەيناغا چىققىلى بولىدۇ. جامەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 4762 كۋادرات مېتىر (7.15مو) ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1437 كۋادرات مېتىر، جامە ئىچىدە 16 ئېغىز ھۇجرا، سىرتىدا 23 دۇكان بار، مەسچىت بىلەن سەينانى ئۇزۇن كەتكەن ئۈچ باسقۇچلۇق گۈللۈك پەشتاق ۋە تۆمۈر رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ، سەينانىڭ تېگى سېمونتلاشتۇرۇلغان. مەسچىت ئىچىگە زىلچا گىلەملەر سېلىنغان، مەسچىتنىڭ تورۇسلىرى ۋە تۈۋرۈكلەرگە ھەرخىل نەقىشلەر ۋە قاپارتما گۈللەر چىقىرىلغان، سېمونت تۈۋرۈكلۈك بېتون لەمپە جامە ئىچىگە ئاجايىپ ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ، پۈتۈن جامەدە ئىچكىرى، تاشقىرى مەسچىت ۋە سەينانى قوشسا بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. جامەنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن.

قاغىلىق جامەسى پۈتۈن ناھىيىنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆزنەك ئورۇن. مەسچىتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملار ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن، ياشانغان، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردىن تەركىب تاپقان. قاغىلىق جامەسى ناھىيە بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلدى. (دىلشات ئابلىز)


چېقىلغان ۋاقتى: 2018- يىل 31-ئاۋغۇست بىلەن 2019-يىل  10-يانۋار ئارلىقىدا

كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى



كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى مىلادىيە 1200-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئومۇمىي كۆلىمى 13مىڭ 449 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭدىن خانىقا قۇرۇلۇشى كۆلىمى 3مىڭ 60 كۋادرات مېتىر، نامازگاھنىڭ تاشقى سەيناسى 10مىڭ 439كۇۋادرات مېتىر. جامەنىڭ خانىقاسى 11 ئارا، 153چوڭ تۈۋرۈكتىن قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ جامە ھېسابلانغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىنمۇ چوڭ. ئادەتتە جۈمە نامىزىغا 4 مىڭدىن 6مىڭغىچە، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلاردا 10 مىڭدىن 12مىڭغىچە ئېتىقادچى ئامما كېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. كىرىيە جامەسى بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە يەتتە قېتىم كېڭەيتىلگەن ھەم رېمونت قىلىنغان. ھىجىرىيە 1075-يىلى(مىلادىيە 1665-يىلى) كېرىيىدىكى مۆتىۋەر دىنىي زاتلاردىن موللا تىيىپ ئاخۇنۇم، موللا غوجىلاق ئاخۇنۇم، ئەيساق ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەر كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ رېمونت قىلىش توغرىسىدا يەكەندىكى ئابدۇللاخانغا بىر پارچە تەكلىپ سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ خان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، يەكەندىن مەخسۇس ئۇستىلار ئەۋەتىلىدۇ ھەم جامە ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنى كۆچۈرۈپ يەرلىك مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايىنىپ جامەنى 2-قېتىم كېڭەيتىپ رېمونت قىلىپ چىقىدۇ. يەكەندىن 10 تۈپ چىنار دەرىخىنى يۆتكەپ كېلىپ، جامەنىڭ سەيناسىغا سالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ جامەنى بىر مەزگىل ”چىناباغ(چىنار باغ) جامەسى“ دەپمۇ ئاتاشقان. ئاشۇ چىنار دەرەخلىرىدىن تۆت-بەش تۈپى تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە بار ئىدى. كېيىن ئۈچ-تۆت قېتىم كېڭەيتىپ رېمونت قىلغاندا قۇرۇلۇشقا تاقىشىپ قېلىپ كېسىۋېتىلگەن.

ئاشۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تەسەۋۋۇپچىلاردىن يەھيا خوجا سوپى ئاللايار ھەزرىتىم ئون نەچچە كىشىنى باشلاپ كېرىيىگە كېلىپ، كېرىيىنىڭ ئارال كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ ئىشانلىق تەرغىباتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، كېرىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىر بىلەن بۇ ھېيتگاھ جامەسى ھويلىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە چوڭ خانىقا ۋە تىلاۋەتخانا ئۆيلەرنى سالىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلاپلا مەھەممەترېھىم ئەلەم، ئەسلەم قازى دېگەن شەرىئەت ئۆلىمالىرى ئۇلارغا دەلمۇدەل قارشى تۇرۇپ جامەنىڭ غەربىي تېمىغا يۆلەپ مەھكىمە شەرئى— قازىخانا سالىدۇ. كېيىن جامەنى 3-قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش قىلغاندا يۇقىرىقى ھەر ئىككى قۇرۇلۇش چېقىپ تاشلىنىدۇ.

1947-يىلى ھاكىم ئىسمائىلخان كېرىيە تەۋەسىدىكى مۇنەۋۋەر دىنىي زاتلار ۋە ھەر قايسى يېزا بەگلىرىنى يىغىپ شەخسەن ئۆزى كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش توغرىسىدا كېڭىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”جامەيىمىز سېلىنغىنىغا 8-7 يۈز يىل بولدى. ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلىنغان بولسىمۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر قىسىم جايلىرى يىقىلىپ چۈشۈپ، كۆرۈمسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى، ساق قالغان جايلىرىمۇ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر قايسىلىرى يۇرتىمىزنىڭ مۆتىۋەر ئۆلىمالىرى ھەم بايلىرى. ئەھۋالنى كۆرۈشۈپ تۇرۇپلا. جامە مۇشۇنداق خەتەرلىك ھالدا تۇرامدۇ ياكى رېمونت قىلىش كېرەكمۇ؟ كونىلاردا ’كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ‘ دېگەن گەپ بار. ئالىمادىس مەسچىت بىر كۈنى تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشسە نەچچە مىڭ جامائەتنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ؟ بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە مەن ھاكىم بولغاندىكىن چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، لېكىن ھەر قايسىلىرىمۇ سىرتتا قېلىشمايلا، بۇ ھەقتە ھەر قايسىلىرىنىڭ خالىس مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىغۇم بار...“. ھاكىمنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن مەجلىس ئەھلى بىردەك پىكىر قىلىپ، جامەنى چوڭ رېمونت قىلىشقا قوشۇلىدۇ. كېڭەشتىن كېيىن ھاكىم ئىسمائىلخان 2-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ جامەنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، مەبلىغى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىك مەسىلىلىرىنى بېكىتىپ چىقىدۇ. ھاكىم باشچىلىقىدا چوڭ جامە قۇرۇلۇشى تەمىرات(قۇرۇلۇش) ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى باھاۋىدىن دېگەن كىشى مەسئۇل قىلىنىدۇ. 1947-يىلى 10-ئايدا ئىش باشلىنىپ، 1949-يىلى ئازادلىق ھارپىسىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە بۇ جامە ساپ مىللىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە كېڭەيتىپ رېمونت قىلىنىدۇ. 1985-1988-يىللىرى 6-قېتىم رېمونت قىلىنغاندا ئەسلىي ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان. 1997-يىلدىن 1998-يىلغىچە شىمالىي دەرۋازا تاقا قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 227كۋادرات مېتىر كۆلەمدە تاقا ئىشلەندى. بۇ 7-قېتىملىق كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي تاقىنىڭ ئېگىزلىكى 24 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈچ قەۋەتلىك ئۆي، ئۆينىڭ ئۈستىدە توققۇز قوقاتقۇ ۋە بىر چوڭ گۈمبەز بار. قۇرۇلۇشنىڭ ئۇسلۇبى ئاتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس ھەم چىرايلىق ئىشلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى 80مىڭ يۈەن مەبلەغ بەردى، قالغان 500مىڭ يۈەننى كېرىيىدىكى جامائەتلەر ئىئانە قىلدى. بۇ جامە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاسارە-ئەتىقە ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.(مەمەتئەيسا قۇربان)


چېقىلغان ۋاقتى: 2017- يىل 2-نويابىر بىلەن 112018-يىل 11-ماي ئارلىقىدا

ئاقسۇ رەستە جامەسى



ئاقسۇ شەھىرىدىكى رەستە جامەسى كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋى، كۆركەملىكى ۋە پۇختىلىقى بىلەن شەھەر ۋە باشقا جايلاردىكى كەڭ جامائەتچىلىكنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان مۇھىم مەسچىتلەرنىڭ بىرى.

ئاقسۇ رەستە جامەسىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى ھازىرقى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇش مەنبەسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەرپا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئاقسۇ شەھەر تەزكىرىسى ۋە بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق، پېشقەدەم زاتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىجرىيە 1140-يىللىرى(مىلادىيە 1728-يىللىرى) ئاقسۇنىڭ ھۆكۈمەت، رەئىيەت ۋە مەھكىمە شەرئى ئورگانلىرى ھازىرقى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئونسۇ ناھىيەسىدە بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن تىجارەتچى، يولۇچىلار ئۈچۈن چۈشۈپ ئۆتىدىغان ھاۋاسى ساپ، سۇلىرى مول، يايلاق ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بىر لەڭگەر ئىكەن، ھىجرىيە 1160-يىللىرى(مىلادىيە 1747-يىلى)غا كەلگەندە ئاقسۇغا ھەر قايسى تەرەپلەردىن دېھقان، چارۋىچىلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ خېلى ئاۋات بولغان بىر مەھەللە بەرپا بوپتۇ. مۇشۇ جەرياندا شۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق زاكىراخۇننىڭ تەكلىپۋە تەشەببۇسى بىلەن ئاددىيغىنا بىر مەھەللە مەسچىتى بەرپا قىلىنىپتۇ. ھىجرىيە 1195-يىللىرى(مىلادىيە 1781-يىلى)غا كەلگەندە مەھەللە ئاۋاتلىشىپ مۇنتىزىم تۈس ئالغان بىر بازار شەكىللىنىپ، مەسچىت شۇ يەردىكى ئائىلىلەرگە تار كېلىپ قېلىپ، مەسچىتنى چوڭايتىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرىدىن مۇھەممەد سابىت ھاجىم بىلەن ئۇبەيدۇللا قارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھويلا ئاراملىرى كەڭرى، ئەتراپى باغ بىلەن ئورالغان مۇكەممەل بىر مەسچىت بىنا قىلىنىپتۇ. ھىجرىيە 1245-يىللىرى(مىلادىيە 1830-يىلى)غا كەلگەندە مەسچىتنىڭ تاملىرى كونىراپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھالىتىگە كەلگەندە يۇرت چوڭلىرىدىن ھەمدۇللا ئەلىماخۇنۇم، قاسىم بەگ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مەسچىت قايتىدىن چوڭايتىپ سېلىنغان. بۇۋاقىتتا مەسچىتنىڭ ئەتراپى رايونى تاشقىرىقى بازار كۆۋرۈك مەھەللىسى دەپ ئاتالغان.

ھىجرىيە 1300-يىلى(مىلادىيە 1883-يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تاشقىرىقى بازارنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىدە كۆلىمى چوڭ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورگان تۇرىدىغان كاتتا بىر ئېگىز سېپىل سوقتۇرغان. مۇشۇ جەرياندا بازار ئەتراپىغا تەرەپ-تەرەپتىن ھەرخىل كەسىپ، ھۈنەرۋەن، تىجارەتچىلەر كۆچۈپ كېلىپ مۇنتىزىم شەھەر ئاھالىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. ھىجرىيە 1305-يىلى(مىلادىيە 1888-يىللىرى) موللاناسىر داموللام كونا شەھەردە مەدرىس ئېچىپ ياراملىق ۋە ئىقتىدارلىق ئەھلى-ئىلىملەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ مۇشۇ تەۋەلىكتىكى مەسچىت، مەدرىسلەرگە ئەۋەتكەن، جۈملىدىن ئاقسۇنىڭ تاشقىرىقى بازار رەستە كوچىسىدىكى مۇشۇ مەسچىتكىمۇ ئاشۇ ياراملىق، ئىقتىدارلىق ئەھلى-ئىلىملەر تەيىنلەنگەن. ھىجرىيە 1312-يىلى(مىلادىيە 1895-يىلى) موللا ناسىر داموللامنىڭ تەشەببۇسى، تالىپلىرى مۇھەممەت ئىمىن قازى ھاجىم، باسىت قازى كالان قاتارلىق ئەھلى-ئىلىملەرنىڭ قوللىشى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە جامائەتنىڭ ماددىي، مەنىۋى ياردەملىرى ئاستىدا كۆلىمى 1300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ھۇجرا(ياتاق)، دەرسخانىلىرى ۋە تاھارەت ئېلىش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل مەدرىس تۈسىنى ئالغان كۆركەم بىر مەسچىت-مەدرىسە بىنا قىلىنغان. ھىجرىيە 1364-يىلى(مىلادىيە 1945-يىلى) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىئارمىيەسى قوشۇنلىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى گومىنداڭچىلارنى قورشىۋالغاندا، گومىنداڭچىلار سېپىل ئەتراپىدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ خانىۋەيران قىلىۋەتكەن، شۇ قاتاردا مۇشۇ مەسچىتمۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

1947-يىلى يۇرت مۆتىۋىرى داۋۇت قۇزات ھاجىمنىڭ ۋە باشقا يۇرت كاتتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ مەسچىت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سەل كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان.

1964-يىلى سول سىياسەتنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇ جامەنىڭ ئورنىنى ئاقسۇ قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئۆزگەرتىۋالغان. 1978-يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ، شۇ جامەنىڭ ئورنىغا رەستە مەھەللىسىدە(تۈگمەن بېشى يولى ئۈستىدە) كۆلىمى 340 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا يەر كۆرسىتىپبېرىلگەن. شۇ مەھەللىدىكى ساۋۇتاخۇنكام، قاسىماخۇنكام قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن جامائەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاددىيغىنا بىر مەسچىت بەرپا قىلىنغان. كېيىن جامائەت كۆپىيىپ، مەسچىت ئورنى تارلىق قىلغاچقا، مەسچىت ئەتراپىدىكى بەش ئائىلىنىڭ تام–زېمىنى سېتىۋېلىنىپ، مەسچىت كېڭەيتىلىپ، مېھمانخانا، مۇنچا ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان 1010 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى بىر مەسچىت ۋە مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا كۆركەم بولغان بەش قەۋەتلىك بىر پەشتاق ياسالغان.

2002-يىلى مەسچىت شەھەر قۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىپ، خەلق يولىنىڭ غەربى پاشالىق مەھەللىسى ئورنىغا يۆتكەلدى. جامەنىڭ ئىمام–خاتىپى روشەن قارى ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا، شەھەر رەھبەرلىك ئورگانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆلىمى 3000كىۋادرات مېتىر، ناماز ئوقۇش ئورنىلا 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، ئەسلىھەلىرى زامانىۋى بولغان كۆركەم ئىككى قەۋەتلىك جامە 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تولۇق پۈتۈپ، جامائەتكە ئېچىۋېتىلدى.

جامەنىڭ ھازىرقى ئىچكى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئاستى 1-قەۋىتىدە بېتون بىلەن پۇختا قويۇلغان 10 تۈۋرۈك، ئىككى يېنىدا پەلەمپەي ئارقىلىق چۈشىدىغان ئىككى ئىشىك، قىبلە تېمىدا مېھراب، مېھرابنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى بىخەتەرلىك ئىشىكى بار، 2-قەۋىتى ئالتە بۇرجەكلىك بولۇپ، بېتون بىلەن قوپۇرۇلغان ئالتە دانە تۈۋرۈك بار، ئوتتۇرىسى يايما شەكىلدە بولۇپ، 1-قەۋەتتىكى ئىمام ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدىغان ئوچۇقچىلىق بار. مەسچىت ئۈستىدە ئالتە ئېگىز مۇنار، مۇنار ئوتتۇرىسىدا چوڭ گۈمبەز، گۈمبەز ئەتراپىدا ئۇنى ئىھاتە قىلىپ تۇرىدىغان ئۇششاق ئالتە گۈمبەز بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر مەسچىتكە ئالاھىدە كۆركەملىك ئاتا قىلغان.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)



چېقىلغان ۋاقتى: 2016-يىل 16-ئاپرىل بىلەن 2017-يىل 14-ئاۋغۇست ئارلىقىدا

ئۇيغۇر ئىلىدىكى چېقىلىپ تۈزلەنگەن جامە ۋە مەسچىتلەر تىزىملىكى


ئۇيغۇر ئىلىدا 5000 ئەتىراپىدا مەسچىت چىقىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ چىقتىم


بەھرام سىنتاش

ئۇيغۇر مەسچىت، جامە ۋە مازارلىرى گەرچە ئوتتۇرا شەرىق بىناكارلىق ئۇسلۇبى جەمبىرىكىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنى تەكلىمان بوستانلىقلىردا يېلتىز تارتىشقا باشلىغان تەخمىنەن 1000 يىل جەريانىدا ئۆزگىچە خاسلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇددىزىم دەۋرىدىكى يۈكسەك ئورىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا مەدەنىيىتدىكى يەنە بىر قېلىن قاتلامنىڭ ماددىي نەمۇندىلىرى بولۇپ قالغان. ئەپسۇس، ئۇيغۇر خەلقى قانداق تەغدىرگە مۇپتىلا بولغان بولسا مەسچىت جامە قۇرلۇشلىرى ئوخشاش قىسمەت ئىچىدە بۇ چوڭ يوقۇتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە تەڭ ئۇچۇرماقدا... 30% مەسچىت چېقىلدى..80% ئۇيغۇر قۇرلۇشلىرى گۈمبەر مۇنارلىرىدىن ئايرىلدى... ۋەزىپىمىز بۇ قىرغىنچىلىقدىن قالغان مەسچىت جامالىرىمىزنى ھايات قالغان خەلقىمىز بىلەن بىرگە ساقلاپ قىلىشدۇر!







مەزكۇر تور سەھىپىسىنىڭ بارلىق نەشىر ھوقوقى ئۇيغۇرىىزىم تور بېكىتىگە تەۋە. تور سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىنغان بەھرام سىنتاش قۇربان ئاپتورلىقىدىكى بارلىق يازمىلار ۋە تۈرلۈك مېدىيا مەنبەلىرىنىڭ نەشىر ھوقوقى بىردەك قوغدىلىدۇ. ئەگەر باشقا تاراتقۇ ۋە تورلاردا سەھىپىمىز مەنبەلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىڭىزنى ياكى ئاپتۇرنىڭ نامىنى قوللىنىشىىڭىزنى، مەنبەلەرنىڭ ئەسلى كېلىش تولۇق ئادرېسىنى ئەينەن بېرىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىدۇ. 

©Uyghurism.com 2019 | All rights reserved | Contact email: bsintash@gmail.com | Site designed & administrated by Bahram K Sintash