top of page

نېمىشقا <<پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىم>> توقمىقى قايتا مەيدانغا چىقىدۇ؟

Updated: Mar 13, 2019



نېمىشقا <<پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىم>> توقمىقى قايتا مەيدانغا چىقىدۇ؟

ئىسلامىي تېرورىست قالپىقى نېمىشقا مودىدىن قالىدۇ؟ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ھەممىشە خاتا ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ قۇربانى بولىدۇ؟


بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنشدىن بۇرۇن كىشىلەردە (political spectrum) سىياسىي سىپىكتورۇم بويىچە كۆرەلەيدىغان كۆز بىلەن پان ئىدېئولوگىيەلىرىنىڭ (pan ideologies) كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى ھەققىدە چۈشەنچسىنىڭ بولىشى زۆرۇردۇر.

سىياسىي سىپىكتورۇم دىگەن نېمە؟

سىياسىي سىپىكتورۇم نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان سىياسىي مەيدانلارنى بىر تەكشى ياكى گىيومېتىريەلىك كوردىنات بوشلۇقدا كۆرسىتىپ بېرىدىغان سېستىما بولۇپ، دېموكراتىيك دۆلەتلەر دۆلەت تۈزۈمىدە بۇ سىياسىي سىپىكتورۇمنىڭ ئوتتۇرسىدا تەپۇڭلۇقنى ساقلاش ئارقىلىق ردىكالىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسلەن ئوڭ قانات ، سول قاناتلار، ياكى ئامېرىكا پارتىيەلىرىدەك دېموكىراتلا ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە باشقىلار بولۇپ ھەرخىل سىياسىي مەيدانغا ئىگە پارتىيە ياكى گۇرۇھلارنىڭ تەڭپۇلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق ئەركىن ۋە لىبىراللاشقان دۆلەت تۈزۈمىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.



لېكىن بىر پارتىيە ياكى بىرلا سىياسىي تۈزۈم مۇتلەق ئۈستىنلىكنى ئىگەنلىگەن ھاكىمىيەتلەردە سىياسىي سىپىكتورۇمنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ شۇ دۆلەتدە ئوڭ قانات سىياسىي ئىدولوگىيە تەرەققىي قىلىپ فاشىستىك تۈزۈم مەيدانغا كېلىدۇ ياكى سول قانات سىياسىي ئىدولوگىيە تەرەققىي قىلىپ كومونىزىم ياكى دىن سىزلاشتۇرۇلغان تۈزۈم مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ئىككىلا ئۇچچىغا چىققان رادىكال تۈزۈمنىڭ ئىنسانلارغا بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تارىخ ئىسپاتلىدى. بۇ سىپىكتورۇمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلانماي خالىغان بىر تەرەپكە بەك ئىغىپ كەتكەندە ھاكىمىي مۇتلەقلىق كۈچىيىپ ئىنسانىيەتنى قۇللۇق تۈزۈمگە باشلايدۇ.

پان ئىدېئولوگىيەسى دىگەن نېمۇ؟ دۇنيادا ئەڭ چوڭ تەسىر قوزغىغان پان ئىدېئولوگىيەلىرى قايسىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى قانداق بولغان؟

ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىيتاقاندا بىر ئېرىق، بىر دىن ياكى بىر تارىخى ئورتاقلىققا ئىگە خەلىقنى ئويغىتىش ياكى رىغەتلەندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان شۇ خەلق ياكى دىننىڭ باشقا خەلق ياكى دىن يۈكسەكلىكىنى كۆرسىتىپ بىر باشلامچى ئىدىيە ۋە ھاكىمىيەت كۈچىنى مەيدانغا كەلتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلۋەتدە پان ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ مىللەتلەر ياكى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا كىچىك كۆلەمدە تارقىلىپ كەلگەن. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى تېپىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ساھادە ئەڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىزدەنگەنلەر گىرمانلار بىلەن روسلار بولدى. بۇخىل ئىزدىنىش بارا بارا بۇ مىللەتلەردە مىللىي ئويغىنىشنى ئەڭ ئاۋال بارلىققا كەلتۇردى. گىرمانلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ قەدىمكى ئاق ئېرىققا تەۋە بولغان ئاريان ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا, روسلار بارلىق سىلاۋيان مىللەتلىرىنىڭ رايوندا ھاكىم مىللەت بولۇشىغا ئىشەندى. ياپونلار پان ئىدېئولوگىيەسىنى ئەڭ ئاۋال قوزىغان ئاسىيا مىللىتى بولۇپ، بارلىق ئاجىز ۋە شاللىنىشى كېرەك دەپ قارالغان ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ زىمىنىغا ياپونلار خوجا بولۇش كېرەك دىگەن پان ئاسىيا ئىدېئولوگىيەسنى كۈچەيتتى.

پانئىسلامىزىم ئىدېئولوگىيەسى ئوسمانىلارنىڭ كىيىنكى دەۋرىدە غەرىپنىڭ مۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈچەيگەن بولسا پانخىرستىيان ئىدېئولوگىيەسى يارۇپا مۇستەملىككە دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىككە قىلىنغۇچى ئاجىز مللەتلەرنى ئاستلىمايسىيە قىلىشدا ئىشلىتىلدى.

پانتۈركىزىم ئىدېئولوگىيەسى ئوسمانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالاكەتكە يۈزلىنىش دەۋرىدە كۈچەيگەن بولۇپ، پان سىلاۋيان ياكى پان گىرمان مىللەتچىلىكىنىڭ يۈكسلىشى تەجىربىلىرى ياش تۈركلەرگە تەسىر قىلىپ، <<ياش تۈركلەر>> تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن دىدىن بەكىرەك غەرىپلەشكەن سىياسىي تۈزۈم بىلەن پانتۈركىزىم ئىدېئولوگىيەسىنى كۈچەتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشەندى.

20 - ئەسىر ياۋرۇپادا بارلىققا كەلگەن كومونىزىم ۋە فاشىزىم مۇشۇ پان ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق يۈكسەلگەن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەيدانىغا ئايلاندى. روس بولشىۋىكلىرى چار روسسىيەنى ئۆرۇپ كومونىزىم لاگىرنى بارلىققا كەلتۇردى. كومىنىستلار چار روسسىيەنىڭ تېررىتۇرىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى زور زىمىننى كومونىستىك رىجىم ئاستىغا ئالدى. گىرمانلار پان گىرمان ئىدېئولوگىيەسىنى پان ياۋرۇپا ئىدېئولوگىيىسىگە كېڭەيتىپ بارلىق ئاق ئېرىقلارنىڭ ئورتاق ھاكىميىتىنى تىكلەش ئۈچۈن پۇتكۈل ياۋرۇپاغا كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ فاشىزىمنى باشلىدى. ئەلۋەتدە ياپونلار مۇ يۇقۇردا دىيىلگەندەك پان ئاسىيا ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلى خوددى گىرمانلاردەك فاشىزىمنى شەرقىي ئاسىيادا باشلاپ ئاسىياغا غوجا بولۇش كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىدى.

پانتۈركىزىم ئىدېئولوگىيەسى پەن تېخنىكا ۋە ئەسكىرى كۈچى زور بولغان روس، گىرمان، ياپونلاردەك كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالدى ۋە پەقەت تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ساقلىنىپ قىلىشى ئۈچۈن يېتەكچى ئىدېئولوگىيە بۇلىشقىلا يارىدى. سېۋىتلەر ئىتىپاقى ئىچىدىكى تۈركى مىللەتلەر ئارىسىدا پانتۈركىزىم ئىدېئولوگىيە جىنايەت ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىپ بۇ ئاجىز ۋە بېسىۋىلىنغان مىللەتلەر ئارسىدا پانتۈركىزىم ئئىدېئولوگىيەسى تۇنجۇقتۇرۋىتىلدى. پەقەت روسنىڭ تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغان ئۇيغۇر ئىلىدا پانتۈكىزىم ئىدېئولوگىيەسى تۈركىيە پانتۈكىزىمنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدە قۇرۇلغان ئىككى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرلۇشىدا باش ئىدېئولوگىيە بولۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بىراق ئىككىلا جۇمھۇرىيەت روسلارنىڭ ئەندىشىسى سەۋەپلىك ئاغدۇرۋىتىلدى.

ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ باشقا جۇغراپىيەلىرىدە يەنە باشقا پان ئىدېئولوگىيەلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن پانئېرانىزىم، پانئەرەپىزىم، پانئافىرقىزىم قاتارلىق تەسىرى چەكلىك پان ئىدېئولوگىيەلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىردىن باشلانغا مىللىي ئويغىنىش ۋە پان ئىدېئولوگىيەلىرى ئارقىلىق يۈكسىلىپ 20- ئەسىرىنىڭ دەسلىۋىدە دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىققان گىرمانىيە, ئاۋىستىريە، ياپون ۋە ئىتالىيە فاشىزىمى بىلەن سېۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كومونىزىم لاگىرى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى تۇرغۇزىدىغان غايەت زور كۈچلەرگە ئايلاندى. بۇ جەرياندا ھەرخىل چوڭ كىچىك جەڭلەر بولدى ۋە ئاقىۋەت 1- دۇنيا ئۇرۇشى ياۋرۇپادا پارتلىدى. ئارلىقدا 20 يىل ئۆتمەيلا 2- دۇنيا ئۇرۇشى ياپون ۋە گىرمان فاشىستىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ پۇتكۈل فىرونت بويىچە ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافىرقىدا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلىشى ياۋرۇپا، ئەنگىلىيە، ئامېرىكانىڭ مەۋجۇتلىقىغا بىۋاستە خەۋىپ تۇغدۇردى. شۇنداقلا سېۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ياپون ۋە گىرمان فاشستىك ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

سېۋىتلەر ئىتتىپاقىغا ياپونلار يىراق شەرىقدە ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسا گىرمانلار شەرقىى ياۋرۇپادا ھۇجۇمغا ئۆتتى. ياپونلارنىڭ تېنىچ ئوكياندا ئامېرىكىغا ھۇجۇم قوزغىشى ئامېرىكىنى 2- دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا رەسمى ئىلىپ كىردى ۋە سېۋىت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئىتىپاقلىشىپ فاشىزىمغا قارشى ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافىرقىدا ئۇرۇش قىلدى ۋە ئاخىرى گىرمان ۋە ياپون فاشىزىمىنى تارمار قىلىپ 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ غەلبىسى ئارقىلىق ئاياقلاشدى.

ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا خىتاپنامىلەر تۈزۈلگەندىن كېيىن دۇنيا خەرىتلىرى قايتا سىزىلىپ نۇرغۇن كىچىك مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەغدىرى پىچىلدى, بەزىلىرى مۇستەقىل مىللىي دۆلەتلىرىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسا بەزىلىرى چوڭ دۆلەتلەر تېررىتوىيەسى ئىچىدە قالدۇرۇلدى. 

2- دۇنيا ئۇرۇشدىن كىيىن فاشىزىم يوقىتىلدى بىراق دۇنيادا كومونىزىمدىن ئىبارەت بىرلا ئىستىدات ۋە رادىكال تۈزمنىڭ تەھتىدى قالدى. غەرىپ بىلەن كومونىزىم لاگىرى تاكى 1990- يىللارغىچە سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىپ ئاخىرى سۆۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ غولىشى بىلەن ئاياقلاشدى.

دۇنيا يەنىلا تېنىچ ئەمەس... ئىنسانىيەتكە فاشىزىم ۋە كومونىزىمدىن ئىبارەت ئەڭ سولچى ۋە ئەڭ ئوڭچى ئىدېئولوگىيەنىڭ كەلتۇرگەن بالايىئاپىتى پەقەت 20 - ئەسىردىلا تەخمىنەن 200 مېلىيون ئىنساننىڭ قىرىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۈگۈنكى دۇنيا ھەرقانداق ئۇچچىغا چىققان رادىكاللىقنىڭ ئىسانىيەكە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتتى. شۇڭا پان ئىدېئولوگىيەلىرى فاشىزىم ۋە كومونىزىمدەك ئىسانىيەتكە قارىشى تۈزۈملەرنىڭ يىلتىز تارتىشىدا سەۋەب بولغىچى ئامال دەپ قارىلىپ، ئاقىۋەت پان ئىدېئولوگىيەلىرى ۋاقتى ئۆتكەن ۋە دۇنيانىڭ تەرتىپىگە خىلاپ ئىدېئولوگىيەلەر بولۇپ قالدى.

1991- يىلى سېۋىت ئىتتىپاقىىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كىيىن مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەن تۈركىي مىللەتلەر پانتۈركىزىمگە ۋارىسلىق قىلماي ئۆزلىرىنىڭ مىللىي دۆلەتلىرىنى قۇردى ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.  ھازىر تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 مۇستەقىل تۈركى تىللىق دۈلەتلىرى بار. بۇ تۈركىي تىللىق مىللىي دۆلەتلەرنىڭ خۇددى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدەك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارىق ئاستىدىكى كەلگۈسى تۈرك ئىتتىپاقىنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشىدە شەك يوق. بۇ قۇرۇلغۇسى ئىتتىپاق ھەرگىز پانتۈركىزىم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ مەسئۇلى بولماسدىن رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىىغا ھەم تىنىچلىقىغا پايدىلىق ئىتتىپاق بولالايدۇ. بۇنداق بىر يېڭى ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلىشى دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرتىپىگە تامامەن ئۇيغۇندۇر.

قوشۇمچە نۇقدا قىلىپ ئىسلامىي تېرورىزىم ۋە ئىسلامىي ئىكىستىرزىم (ئاشقۇنلۇق) ئىدېئولوگىيەلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي؛

20- ئەسىردىكى فاشىزىم ۋە كومونىزىم دىن كېيىن 21 - ئەسىردە دۇنيا تېنىچلىقىغا خەۋىپ ئىلىپ كىلىدىغان يۈزلىنىشنىڭ؛ پان ئىسلام ياكى دىننىي ئىكىستىرزىملىق ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ نىڭ يامراپ بېرىشى دەپ قارالدى. 1.6 مېلىياد مۇسۇلمان دۇنياسىغا بۇ ئىكىستىرزىملىق ئىدىيە كېڭەيسە يالغۇز مۇسۇلمان دۇنياسىدىلا ئەمەس پۈتكۈل يەرشارىدا دىنلار ۋە ئوخشىمايدىغان كۆز قارشلار ئارا توقۇنىشلارنى كەلتۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھەم بۇخىل دىننىي ئىكىستىرزىملىق ئىدېئولوگىيەلەر ئاقىۋەتدە يەرشارىنى فاشىزىم ۋە كومونىزىمدىنمۇ ئىشىپ چۈشىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى تۇنۇپ يىتىلدى. 2001- يىلى 11- سىنتەبىر دىكى تالىباننىڭ ئامېرىكىدا قوزغىغان تېررورلۇق ھۇجۇمدىن كېيىن خەلقئارادا ئىسلامىي تېررورىزىمغا قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇرۇش باشلاندى ۋە بۇ ئۇرۇش ھېلە ھەم توختىغىنى يوق....


21- ئەسىردىكى ئىنسانىيەنىڭ يەنە بىر قارا چۈشى ئورۋىلچە ئىستىدات ھاكمىيەت تۈزىمى

بۇ خىل تۈزۈم 20 ، 21 - ئەسىرلەردىكى ھەرقانداق ئىستىدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۇرگەن خەۋىپىدىنمۇ قورقۇنۇشلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈمى بولۇپ، ئىستىدات ھاكىميەتلەرنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنپ مۇتلەق تەقىپلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئورۋىلچە ئىستىداتلىقنىڭ ئىلمىي فانتازىيەدىن رىيالىقدا پەيدا بولىشىدۇر.

دۇنيا، جورج ئورۋىل <<1984>> ناملىق كىتابدا تەسۋىرلەنگەن كۈزىتىش ۋە تەقىبلەشدە ئۇچچىغا چىققان ئىستىدات تۈزۈمنى يولغا قويغان ھاكىمىيەتنىڭ بارلىققا كېلىپ بولغانلىقىنى ۋە ئۇ ئىستىدات ھاكىميەتنىڭ 1.5 مېليارد نوپوسقا ئىگە دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچى بولغان كومىنىستىك بىر پارتىيە تۈزۈمىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرمەكدە.

مانا ئۇيغۇرلار بۇ قاباھەتلىك تۈزۈمنىڭ تۇنجى قۇربالىرى بولىۋاتقان مىللەت بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ كۆزى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ پاجەلىك يۈزلىنىشدە.

ماقالىنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ماقالىنىڭ بىشىدا مەن تىلغان ئالغان سىياسىي سىپىكتورۇم ئارقىلىپ ئۇيغۇرئىلىدە يولغا قۇيۇلغان سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىنى كۆرسىەتسەك؛ بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر ئىلى پۈتۈنلەي دىنسىزلاشتۇرۇلغان ۋە قۇللۇق تۈزۈم يولغا قۇيۇلغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ھەم 20- ئەسىردىكى سىياسىي سىپىكتورۇمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزغان فاشىزىم ۋە كومونىزىمدىنمۇ ھالقىغان ئەڭ قاباھەتلىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

دۇنيادىكى تۈزۈملەرنى ئادالەت ۋە ئادالەتسزلىك بويىچە كۆرسەتسەك بىز ئەڭ ئادالەتسىز تۈزۈمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇراۋاتقان ئادالەتنىڭ تۇرغۇزىلىشىغا ئەڭ تەشنا خەلق بىز. بۇ بىزنىڭ 21- ئەسىردىمۇ قۇللۇق تۈزۈمدە ياشاۋاتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ . دىمەك بىز ھازىر دۇنيادىكى ئادالەتنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ مۇتلەق ئىستىدات تۈزمگە قارشى چىقىشى ئۈچۈن، بىز ئاۋال ئۆز سىياسىي مەيدانىمىز ۋە ئىدېئولوگىيەرىمىزنى دۇنياغا نامايەندە قىلىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ھەم ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىمىزنى كۆرسىتدۇ.

بىزنى يوقاتماقچى بولغان ھاكىمىيەت بىزنىڭ ئادالەتكە بولغان ئىنتىلىشىمىزنى يالغان ۋە ھەقسىز كۆرسىتىش ھەم ئۆزىنىڭ بىزنىڭ ئۇستىمىزدىكى كونتىروللۇقنى ھەققە چىقىرىش ئۈچۈن بىزگە دۇنيادىكى رەزىل ئئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ماركىلىرىنى چاپلاش ياكى قالپاقلىرىنى كىيدۇرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى كېرەك. شۇڭا بىزنىڭ نورمال دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئادىتىمىزنى دىننىي ئاشقۇنلۇق ۋە ئىسلامىي تېرورىزىم قالپىقى بىلەن چەكلەندى ۋە بۇنى دۇنياغا يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلانى خەلقئارادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا باغلاپ كۆرسەتتى. شۇخىل تېررورلۇق تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆلەپ پەيدا بولىشىدا يېشىل چىراق يېقىلدى. نورمال ئادەم ئوغرى دەپ قارلىنىپ خەلق ئالەم ئالدىدا ناھەق تاياق يىسە ئەڭ ئاۋال قايتۇىدىغان ئىنكاسى مەن ئوغرى ئەمەس دەپ ئۆزىنى ئاخلاش بولىشى كېرەك. ئەپسۇن ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيۇندا شاپاققا تېيىلىپ بەك جوڭ زىيان تارتتى ۋە ئۇيغۇلار تېررورىزىمغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ ۋاستلىق قۇربالىرىغا ئايلاندى.

بەخىتكە يارىشا ئامېرىكا ئۇيغۇرنىڭ ئۇستىدىن ئىشلەنگەن ئۇيۇنلارنى بىلگەشكە ئۇيغۇر مەسلىسىنى تېررورىزىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئېلان قىلدى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ ئەيىپلەشنى قۇبۇل قىلمىدى. دۇنيادىكى تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇش سۈرىيە ئۇرۇشدىن كېيىن بېسىقىشقا قاراپ يۈزلەندى. ھازىر خەۋىپى زور تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئاساسەن قالمىدى، تېررورىست دىگەن قالپاقمۇ ئۇيغۇرنىڭ بىشغا زورلاپ كىيدۇرۈلسىمۇ تۇرمايدىغان بولۇپ قالدى. ھەم يېقىنقى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىسلامنى پۈتۈن بىر دىن سۈپىتىدە چەكلەشكە ئۆتكەنلىكىدىن ئۇيغۇرنىڭ بىشىغا كەيدۇردىغان تېررورىس قالپقىمۇ قالمىدى.

شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئىلىدە مودىدىن قالغان پانتۈركىزىم پانئىسلامىزىم تۇقمىقىنىڭ قايتا پەيدا بولىشى سەۋەبىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ بىشىدا يازغىنىمدەك پان ئىدېئولوگىيەسى دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرشىلمەيدىغان ۋە دۇنيانىڭ ھازىقى يۈزلىنىشىدە بازار تاپالمايدىغان ئىدېئولوگىيە بولۇش بىلەن بىرگە ئەزەلدىن ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ئەدىپلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ بىشىغا كەيدۇرىدىغان قالپاق بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر تارىخچىلىرى، مائارىپچىلىرى، يازغۇچىلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى 1950- يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تارىخى، مائارىپى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ھەققىدە كۆپ ئەمگەكلەرنى قىلپ كەلدى. شۇ سەرخىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە قوشقان بىباھا ئەمگەكلىرى مېۋە بېرىپ ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بىر مىللەت سۈپىتىدە تۇنىدى. جەنۇپ ۋە شىمالدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار يۇرت كىملىكى ياكى دىننىي كىلمكنى ئاساس قىلىشدىن بىر مىللەت سۇپىتىدە ئۆز مىللىي كىملىكنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەردى ۋە يۇرتۋازلق ھەم ئۈممەتچىلىكدىن مىللەتچىلىككە ئۆتتى. ئۇيغۇر دىگەن مىللەت كىملىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئۇيغۇر قالمىدى. مانا بۇنى تەھدىت دەپ بىلگەن خىتاي يەرلىك ۋە مەركىزى ھۆكۈمىتى 2012 - يىلىدىن باشلاپ دىننىي ئاشقۇن ئىدىيەلەرنىڭ يامرىشىغا ۋە دىن بىلەن مىللەتچىلەرنىڭ قايتا زىدىيەتلىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. تاكى 2015- يىلىغىچە ئۇيغۇر ئىلىدە ئەرەپ ۋاھابىزىملىقى ئەۋجىگە چىقىپ ساددا خەلقنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىكىستىرزىملىق يوللارغا مىڭىشىغا سەۋەپ بولدى. ھازىر پانتۈركىزىم توقمىقى ئۇيغۇر ئەدىپ ۋە سەرخىللىرىنى قارىلاشقا تەييارلانغان بولسا، پانئىسلامىزىم توقمىقى بارلىق دىننى زاتلارنى جازالاشقا تەييارلاندى.

ئۇيغۇرلار پانئىسلامچىمۇ؟

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۆتىدىل ئىسلامىي يولنى تۇتۇپ كەلگەن مىللەت بۇلۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقى پان ئىسلامىزىمنىڭ بۇ زىمىندا ئەزەلدىن يىلتىز تارتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


ئۇيغۇرلار پانتۈركىستمۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلىرىدىن ئۇزۇن تارىخى ھەم مول مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پانتۈركىزىم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا قارىغاندا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى بەكىرەك گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخشۇناس ئالىملىرىمىزدىن تۇرغۇن ئالماس ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەئىمىننىڭ تارىخى ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بارلىق تۈركىي قەۋىملەر ئارىسىدىكى باشلامچىسى مىللەت ئىكەنلىكىنى يۇرۇتىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەجىدىن بۇ تارىخچىلار ۋە باشقا ئۇيغۇر تارىخچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدە پانتۈكىزىم ئىدېئولوگىيەسىدىن <<ئۇيغۇرىزىم>> ياكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئۇستىن ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

1980- يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر سۆزىنى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋي دۇنياسىغا تەۋە ساھالەردە ماركا ئورنىدا قوشۇش ئومۇملىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر 12 موقامى، ئۇيغۇر بىناكارلىقى، ئۇيغۇر ئۇسۇلى، ئۇيغۇر رەسساملىقى، ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرى، ئۇيغۇر كارخانچىلىرى، ئۇيغۇر تائاملرى دىگەندەك ھەرقانداق ساھەدە ئۇيغۇر ئىسمىنى قوشۇپ ئاتاش ئومۇملاشقان. بۇ بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىگە ئىگە چىقىش ۋە مىللىي كىملىكىنى گەۋدۇلەندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرى پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتدۇ. دىمەك ئۇيغۇرلار ئېرىق ياكى قانداشلىق كىملىكىگە قارىغاندا ئۆزىگە خاس مىللىي كىملىكىگە بەكىرەك يېقىن تۇرۇشنى خالايدۇ. يېقىنقى بۇ خىل مىللىي كىملىك تىكلەش ۋە كىملىكىنى تۇنۇش ۋە مىللىي ئويغىنىش تەرەقىياتى تارىخدىن بۇيان بولۇپ باقمىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىي مىللىي بىرلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى دەپ قارىساق بولىدۇ. مەيلى جەنۇپدىكى ئالتە شەھەر ياكى شىمالدىكى شەھەرلەر ياكى شەرىقدىكى شەھەرلەر ۋە لوپنۇر ، چەرچەن چاقىلىق ھەم تەكلماكاننىڭ ئىشكىرسدىكى كىچىك يېزىلارغىچە بارلىق ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۆزىگە ئورتاق مىللىي كىملىكىنى تۇنىدى ھەم بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئاسسمىلىياتسىيە بولۇپ كەتمەي ئەكسىچە بۈگۈنكىدەك مىللىي كىملىك ئېڭى تىكلىيەلىشىمىز ۋە ئۇيغۇرلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشدەك مىللەتچىلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلىشىمىز يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ، مائارىپچى ئۇستازلىرىمىزنىڭ، سەنئەتكار ئىجاتچىلىرىمىزنىڭ تەخمىنەن يېرىم ئەسىرلىك ئەقىدىسى ۋە ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدىن بولدى. مانا بۈگۈن بۇ سەرخىللىرىمىز ۋە ھەققىي سەركەردىلىرىمىز ئاخىرى دۇشمەننىڭ زىىندانىغا ئومۇمىي يۈزلۈك تاشلاندى! دۇشمەن بىزنى بىراق قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن يىلتىزىمىز بولغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى چاڭگاللىدى ۋە تارتىپ قومۇرۇپ ئېلىشقا باشلىدى. مانا پانتۈركىست قالپىقى قايتىدىن ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتىنىڭ ئئىدېئولوگىيە مەنبەسى قىلىپ تەييارلاندى. بارلىق سەرخىللىرىمىز ئۆزلىرى ھېچقاچان قوللىمىغان ئىدېئولوگىيەنىڭ قۇربانلىرى قىلىنۋاتىدۇ.


خۇلاسە

پانتۈركىزىم خۇددى پانئىسلامىزىم، ئىسلامىي تېرورىزىم، دىننىي ئىكىستىرزىم دىگەندەك بىزنى قارلاش بولۇپ، چەتئەلدە ۋە ئۇيغۇر ئىلىدە بۇ بەتنام ئاستىدا بىزگە نۇرغۇن ئۇيۇنلار ۋە زىيانكەشلىكلەر ئىشلىنىپ كېلىندى. ئۇيغۇرنى تېرورىزىم شاپىغىغا تىيىلدۇرۇپ بەتنام چاپلاش تاكتىكىسىغا ئوخشاش تاكتىكا ئەڭ ئاۋال 1950- يىللادىن باشلانغان بولۇپ، خۇددىي سېۋىتلەرنىڭ پانتۈركىزىم پانئىسلامىزىم قالپىقى ئارقىلىق ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىلغارلىرى ۋە دىننىي ئالىملىرىنى قانداق يوقاتقان بولسا ئۇيغۇر ئىلىدىمۇ شۇ قالپاقلارنى كەيدۈرۈش ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر زىيلىلىرى ۋە دىننىي ئۆلىمالىرى يوقۇتۇلدى. چەتئەلدە غەرەزلىك ۋە غەرەزسىز ھالدا ئۇيغۇر داۋاسى پەقەتلا پانتۈركىزىمنى ئورتا ئاسىيادا قايتا بازار تاپقۇزۇش ۋە بۈيۈك تۈركىستان قۇرۇش دەك پانتۈركىسچە ئىدېئولوگىيە يولىغا باشلاندى. ئاقىۋەت بۇ تۈركىستان قۇرۇش داۋاسى تۈركىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ سىياسىي ئۈستىنىك تالىشىشى ۋە تۈركىيەدە پانتۇركىزىمنى كۈچلەندۇرۇشكىلا خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئەمما 80 نەچچە يىللىق تۈركىستان داۋاسىدا تۈركىيە مەيلى ئورتا ئاسىيا ياكى ئويغۇر ئىلى ئۈچۈن خەلقئارالىق سورۇن ياكى دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيەسىدە بىر قەدەممۇ ئالمىدى. تۈركىستان داۋاسى پەقەت <<تۈركىيەنىڭ قانىغان يارىسى>> دىگەن ئاتالمىش شۇئارى بولۇپ پارتىيەلەرنىڭ سايلام بىلىتىگە ئېرىشىش كۇزۇرى بولۇپ قىلىندى خالاس. ھۆل كېسەككە ئولتارغۇزۇشنى ھۆرمەت ۋە تەخت دەپ ئويلاپ كەلگەن پىشقەدەم تۈركىستان داۋاچىلىرى بۇ ھۆل كېسەكدە داۋاملىق ئولتۇرۇۋىرىشنى شاگىرتلىرىغا تاپىلاپ بىربىرلەپ تۈركىستان چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئۇ ئالمگە كەتتى.

1991 - يىلى ئورتا ئاسىيادا تۆت تۈرۈك تىللىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل مىللىي دۆلەتلىرى قۇرۇلدى، بىراق غەربىي تۈركىستان قۇرۇشدىن ئىبارەت بۇ غايە ئورتا ئاسىيا مىللەتلىرنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى. بۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىر كىچىدە دۇنيانىڭ قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مۇستەقىل مىللىي دۆلەتلىرىنى قۇردى. بۇ مىللەتلەر ئۆزىنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرگەن دۇنيا تەرتىپىگە پانتۈركىزمنى قارشىلاشتۇرماسلىقنىڭ ئاقىلانە يول ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ مىللىي مەدەنىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا چۇشلۇق يول تۇتۇپ، مۇستەقىللىقىنى قوغداپ زىمىن پۈتۈنلىكىگە تەھتىت يەتكۈزدىغان ھەرقانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ كەلدى. ئەتىراپىدىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن قارشىلىشىش ئەمەس دوستانە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرۇپ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداپ كەلدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر داۋاچىلار پانتۈركىزىمچە دۆلەت قۇرۇش داۋاسى؛ يەنى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشدىن باشقا ھەرقانداق نام ياكى سىياسىي قەدەملەرنى داۋاغا ئاسىيلىق دەپ قاراپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدىكى تۇتقان يول بىلەن 21 - ئەسىردە قوللاشقا ئېرىشىمىز دەيدىغان ئەگرى يولدا 70 يىلچە داۋا قىلىپ كەلدى. (بۇ يەردىكى غەرەز ۋە مەنتىقىسىزلىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك) ئاخىرى ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك رەزىل كۈچكە قارشى تۇرۇشدا دۇنيا تەرتىپى ۋە ئېقىمىغا خىلاپ تۈركىستان قۇرۇش غايىسى ئوتتۇرسىدا زىتلىققا يۈزلەندى. مىللەت چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولدى، دۇشمىنىمىز دۇنيا تارىخىدىكى ھەرقانداق رەزىل ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىنىڭ يېغىندسىدىنمۇ زور بىر كۈچدۇر.

ئويغان ئۇيغۇر! سەن تۈركىستان داۋاسى ئارقىلىق ھېشقانداق تۈرك قاندىشىڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىڭ چۈنكى ئۇلار ناھايتى ئاجىز. ئەمدى 21- ئەسىردە ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ماس قەدەمدە ئىلگىرلە! دۇنيا بىزنىڭ مىللەت سۈپىتىدە قىرىلىپ يوقۇلىشىمىز بەدىلىگە بۇ رەزىل ھاكىمىيەتدىن ئاگاھ بولۇش دەرىسىنى ئالىدىغان قۇربانلىق مىللەت بولۇپ كەتمەيلى! دەرھال ئۆزىمىزنىڭ ھەق تەرەپلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دۇنيادىكى ھەققانىيەنى ياقىلايدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىزنى قۇتۇلدۇرىشىغا جىددىي قەدەم ئېلىشى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلايلى. دۇنيا تۈركىستانغا قىززىقمايدۇ بەلكى بىر مەۋجۈت مىللەتنىڭ بۇ سىناقدىن قۇتۇلۇپ ساقلىنىپ قىلىشىنى، مۇمكىن بولسا ھۆرلۈك ۋە مۇستەققىللىقىنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.

سىياسىي سىپىكتورۇم بويىچە كۆرسەتدەك كومونىزىم، فاشىزىم ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى بولغان پان ئىدولوگىيەلىرى ياكى دىننىي ئىكىستىرزىملىقنىڭ ھەممىىسى دۇنيانىڭ ئەخلاتخانىلىردا چېرۋاتقان ئىدېئولوگىيەلەردۇر. بۈگۈنكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغان، دۇشمەن ھەر تۈرلۈك شاپاقلارغا تېيىلدۇرەلمەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ 21- ئەسىرگە خاس توغرا دۆلەت قۇرۇش ئىدېئولوگىيەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، بۈگۈنكىدەك يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرنىڭ تەغدىرىنى پىچىدىغان تارىخى پەيىتنىڭ جىددىي تەقەززاسىدۇر! بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز بولۇپ قىلىش مۇمكىن.

بەھرام قۇربان سىنتاش

شىمالىي ۋېرجىنىيە رايونى ئامېرىكا

2018 - يىلى 22- نويابىر (ئامېرىكا مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى) Uyghurism.com



 

2,570 views0 comments
bottom of page